جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپرېلدا جۇڭگونىڭ خەلقئارا تاۋار ۋە مۇلازىمەت سودىسىدىكى ئاكتىپ بالانىسى 220 مىليارد 100 مىليون يۈەن (34 مىليارد 470 مىليون دوللار) بولغان.
دۆلەت تاشقى پۇل ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۆلەتنىڭ سودا كىرىمى تەخمىنەن 1 تىرىليون 830 مىليارد يۈەن، چىقىمى تەخمىنەن 1 تىرىليون 610 مىليارد يۈەن بولغان.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ تاۋار سودا كىرىمى تەخمىنەن 1 تىرىليون 660 مىليارد يۈەن، چىقىمى 1 تىرىليون 400 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 254 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئارتۇق پايدا ئالغان.
مۇلازىمەت سودىسىدا 34 مىليارد 800 مىليون يۈەن قىزىل رەقەم كۆرۈلدى، بۇ ساھەنىڭ كىرىم ۋە چىقىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 171 مىليارد يۈەن ۋە 205 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولدى.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى


