



ئەڭ تۆۋەندىن ئەڭ يۇقىرىسىغىچە، ئالتە دەرىجە بار: شيۇسەي (ناھىيە دەرىجىلىك ئىمتىھاندىن ئۆتكەن)، جۋرېن (ئۆلكە دەرىجىلىك ئىمتىھاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان)، جىنشى (ئەڭ يۇقىرى ئىمپېرىيە ئىمتىھانىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان)، تەنخۇا، باڭيەن ۋە جۇاڭيۈەن (ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىمپېراتورنىڭ ئالدىدا ئىمپېرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن). 


ئويۇنچىلار نۆۋەت بىلەن زەر تاشلايدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ توپلىغان زەرلىرى سانىلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇتقان زەر ھەمىشە «جۇاڭيۈەن» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئاي تورتى ياكى باشقا سوۋغاتلار تارقىتىلىدۇ. بۇ ئارىدا، بەزى ئەھۋاللاردا، ئەڭ بەختلىك كىشىگە ئالاھىدە قالپاق - جۇاڭيۈەن ماۋ بېرىلىدۇ.

كىشىلەر «جۇاڭيۈەن» ئويۇنىدا غەلىبە قىلغان ئادەم شۇ يىلى ئامەتلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ. سىزنىڭمۇ شۇ يىلى ئامەتلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى


