دۇنيا سودا تەشكىلاتى «دۇنيا سودىسىنىڭ COVID-19 كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭقۇر چېكىنىشتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى» ئېيتتى، ئەمما «ھەر قانداق ئەسلىگە كېلىش داۋاملىشىۋاتقان يۇقۇمنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
جېنۋا — دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) سەيشەنبە كۈنى قايتا كۆزدىن كەچۈرگەن سودا مۆلچەرىدە، دۇنيا تاۋار سودىسىنىڭ 2020-يىلى %9.2 تۆۋەنلىشى، 2021-يىلى %7.2 ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە، دېدى.
ئاپرېلدا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى COVID-19 يۇقۇمى دۇنيانىڭ نورمال ئىقتىسادىي پائالىيىتى ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، 2020-يىلى دۇنيا تاۋار سودىسى مىقدارىنىڭ %13 تىن %32 كىچە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرى ئاخبارات ئېلانىدا مۇنداق دېدى: «دۇنيا سودىسى COVID-19 كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭقۇر چېكىنىشتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئىيۇن ۋە ئىيۇلدىكى كۈچلۈك سودا ئىپادىسى 2020-يىلى ئومۇمىي سودا ئېشىشىغا ئۈمىدۋارلىق ئالامەتلىرىنى ئېلىپ كەلدى».
شۇنداقتىمۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېلەر يىلغا بولغان يېڭىلانغان مۆلچەرى ئىلگىرىكى %21.3 ئېشىش مۆلچەرىدىن تېخىمۇ ئۈمىدسىز بولۇپ، تاۋار سودىسىنى 2021-يىلدىكى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى يۈزلىنىشتىن خېلىلا تۆۋەن قويدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى «ھەر قانداق ئەسلىگە كېلىش داۋاملىشىۋاتقان يۇقۇمنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى يى شاۋجۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كرىزىسنىڭ سودا تەسىرىنىڭ رايونلارغا قاراپ زور دەرىجىدە پەرقلەنگەنلىكىنى، ئاسىيادا سودا مىقدارىنىڭ «نىسبەتەن ئازىيىشى» ۋە ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا «كۈچلۈك دەرىجىدە ئازىيىشى»نى ئېيتتى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناسى كولمان نې مۇنداق دېدى: «جۇڭگو (ئاسىيا) رايونى ئىچىدىكى سودىنى قوللاۋاتىدۇ» ۋە «جۇڭگونىڭ ئىمپورت ئېھتىياجى رايون ئىچىدىكى سودىنى قوللاۋاتىدۇ» ھەمدە «دۇنياۋى ئېھتىياجغا تۆھپە قوشۇشقا ياردەم بېرىۋاتىدۇ».
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرى COVID-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە سودا سوممىسىنىڭ تۆۋەنلىشى 2008-2009-يىللىرىدىكى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ھازىرقى ئىقتىسادىي چېكىنىش مەزگىلىدە GDP نىڭ تۆۋەنلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، سودا مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بولسا ئوتتۇراھال بولدى»، دېدى ئۇلار، دۇنيا تاۋار سودىسى مىقدارىنىڭ 2009-يىلدىكى ئىقتىسادىي چېكىنىش مەزگىلىدە ئالتە ھەسسە ئەمەس، بەلكى دۇنيا GDP سىنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئەتراپىدا تۆۋەنلىشى مۇمكىنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى




