سىرىلانكىدا BRI غا قارىتىلغان تەنقىدلەر بوش ئاڭلاندى

سىرىلانكا

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەر بېيجىڭنىڭ قەرز تۇزىقىغا تۆھمەت قىلغان

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تۈرلەر سىرىلانكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ تۈرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بۇ ياردەمنىڭ دۆلەتلەرنى يۇقىرى قەرزگە بوغۇپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى يالغان دەۋالارنىڭ ئاقلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭنىڭ تەنقىدچىلىرىنىڭ «قەرز تۇزىقى» دېگەن سۆزىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، جۇڭگونىڭ ياردىمى BRI غا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. سىرىلانكىدا، كولومبو پورت شەھىرى ۋە خامبانتوتا پورتى تۈرلىرى، شۇنداقلا جەنۇبىي تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پروگراممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى.

كولومبو پورتى بۇ يىل دۇنياۋى پورتلار رەت تەرتىپىدە 22-ئورۇندا تۇردى. تاراتقۇلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى سىرىلانكا پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن نەقىل قىلىشىچە، كولومبو پورتى 2021-يىلى بىر تەرەپ قىلىنغان يۈك مىقدارى %6 ئېشىپ، رېكورت ياراتقان 7 مىليون 250 مىڭ يىگىرمە پۇتلۇق يۈك ساندۇقىغا يەتتى.

پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پراسانتا جاياماننا سىرىلانكىدا چىقىدىغان «Daily FT» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، پائالىيەتنىڭ ئېشىشىنىڭ ئۈمىدۋارلىق ئىكەنلىكىنى، پرېزىدېنت گوتابايا راجاپاكسانىڭ پورتنىڭ 2025-يىلغا بارغاندا دۇنياۋى رەت تەرتىپتە ئالدىنقى 15 نىڭ ئىچىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېيتتى.

كولومبو پورت شەھىرى جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تۇرالغۇ، پارچە سېتىش ۋە سودا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا، جۇڭگو پورت قۇرۇلۇش شىركىتى سۈنئىي ئارال ياساش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بارماقتا.

كولومبو پورت شەھىرى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سالىيا ۋىكراماسۇرىيە تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ قايتۇرۇۋېلىنغان زېمىن سىرىلانكىغا خەرىتىنى قايتا سىزىش، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى كۆلەم ۋە ئىقتىدارغا ئىگە شەھەر قۇرۇش ۋە دۇبەي ياكى سىنگاپور بىلەن رىقابەتلىشىش پۇرسىتى بېرىدۇ».

ئاساسلىق ئەۋزەللىك

خامبانتوتا پورتىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاساسلىق دېڭىز يوللىرىغا يېقىن بولۇشى بۇ تۈرنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سىرىلانكا باش مىنىستىرى ماھىندا راجاپاكسا جۇڭگونىڭ «دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە زور دەرىجىدە ياردەم قىلغانلىقى» ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

جۇڭگو يۇقۇمنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭگونى تەنقىد قىلغۇچىلار يەنە بىر قېتىم سىرىلانكىنىڭ قىممەت باھالىق قەرزلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، بەزىلەر جۇڭگو ياردەم قىلغان تۈرلەرنى ئاق پىل دەپ ئاتىدى.

كولومبو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پروفېسسورى سىرىمال ئابېيراتنې «جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، سىرىلانكا 2007-يىلى زايوم بازىرىنى چەتئەل مەبلەغ سېلىشىغا ئاچقانلىقىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سودا قەرزىنى باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ «جۇڭگو قەرزى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى» ئېيتتى.

سىرىلانكا تاشقى بايلىقلار مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2021-يىلى 4-ئايدا ئارال دۆلىتىنىڭ 35 مىليارد دوللارلىق تاشقى قەرزىنىڭ %10 نى جۇڭگو ئىگىلىگەن، ياپونىيەمۇ تەخمىنەن %10 نى ئىگىلىگەن. جۇڭگو سىرىلانكىنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە بازىرى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ۋە ياپونىيەدىن قالسىلا تۆتىنچى چوڭ قەرز بەرگۈچىسى.

جېجياڭ خەلقئارا تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ پېڭنىڭ ئېيتىشىچە، تەنقىدچىلەرنىڭ قەرز تۇزىقى ھەققىدىكى بايانلىرىدا جۇڭگونىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جۇڭگو ۋە BRI تۈرلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئابرويىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بىر دۆلەتنىڭ تاشقى قەرزى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40 تىن ئېشىپ كەتسە، خەتەر چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.

سىرىلانكا دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى سامىتا ھېتتىگې «سېيلون بۈگۈن» گېزىتىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «سىرىلانكىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئەشيا ئوبوروتى ۋە دېڭىز تىرانسپورتى مەركىزى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىپ، BRI نىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە تەكىتلەندى».


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى